JS كودىنى رەتلەش قورالى
ئىزاھات:قوليازما تىلىنىڭ ھەرىكەتچان بەت يۈزىدىكى رولىنى
سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، بەزىدە سەللا دىققەت قىلمىساق بارلىق بەت يۈزىدە خاتالىق
كۆرۈلىدۇ، بەزى تور بەت پروگراممىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش داۋامىدا، بەتنىڭ
قوليازما تىلىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس، قوليازما تىلىغا
پىششىق بولغاندىلا بەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك ئۆزگەرتىپ كېتەلەيمىز،
ئوخشاشلا بەزى پروگراممىلاردا قوليازما كودىنىڭ ئىنتايىن زىچ
ئورۇنلاشتۇرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس، بۇ چاغدا بەت ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىغا
كودلارنى كۆرۈپ چۈشىنىش تەس كېلىدۇ، بەزىدە ئۆزىمىز يازغان قوليازما كودلىرىنى ئاشۇ
كودلارغا ئوخشاش يىغىنچاقلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ
پروگراممىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل،
تۆۋەندىكى قورال مۇشۇ نىيەتتە تەييارلاندى، ئۇسۇلى:1. قوليازما كودىنى رەتلەش:
رەتلىمەكچى بولغان كودنى ئۈستىدىكى تېكىست رامكىسىغا تولدۇرىمىز، ئاستىدىن رەتلەش
تۈرىنى تاللايمىز، ئوڭ تەرەپتىكىسىدىن خالىغان بىرى تاللانسا بولىدۇ، ئاندىن تامام
كۇنۇپكىسى بېسىلسا مەشغۇلات پۈتىدۇ.2.قوليازما كودىنى شىفىرلاش: يىغىنچاقلىماقچى
بولغان كودنى ئۈستىدىكى تېكىست رامكىسىغا چاپلايمىز، ئاستىدىن پىرىسلاش تۈرى
تاللىنىدۇ، ئوخشاشلا تامام كۇنۇپكىسى ئارقىلىق مەشغۇلاتنى تاماملايمىز.مىسال ئۈچۈن
تەييار كودلار بېرىلدى، رەسمى مەشغۇلات قىلغاندا كودلارنى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناڭ.
تەدبىركار
تور بېكەت تۈزۈش گۇرۇپپىسى
http://www.tedbirkar.com/